قاتار – كۇۋەيت دېڭىز يولى لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

قاتار بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا تۇنجى بىۋاسىتە دېڭىز يولى تىرانسپورت لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

791446
قاتار – كۇۋەيت دېڭىز يولى لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارلىق مىلاھا تىرانسپورت شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قاتارنىڭ ھاماد پورتى بىلەن كۇۋەيتنىڭ شۇۋەيخ پورتى ئوتتۇرىسىدا 515 ئۆلچەملىك، 50 سوۋۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە تۇنجى بىۋاسىتە كونتېينېر تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سەپەرلەرنىڭ ھەپتىلىك خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، چېگرادىن ئۆتۈش ۋاقتىنىڭ بىر كۈن بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ قاتار بازارلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك خېرىدارلارغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن سۈرئىتى تېز چارە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر