ئوبامانىڭ تىۋېتىردا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرى ياقتۇرۇش رېكورتى ياراتتى

سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرى تىۋېتىردا ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن ئۇچۇر بولۇش ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

791116
ئوبامانىڭ تىۋېتىردا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرى ياقتۇرۇش رېكورتى ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يەكشەنبە كۈنى چارلوتتېسۋېلدە يۈز بەرگەن ئىرقىي ئايرىمچىلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، تىۋېتىردا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرى 3 مىليون كىشىنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشتى. 

ئوبامانىڭ نېلسون ماندېلانى سۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ھەر قايسى مىللەت ئۆسمۈرلىرى بىلەن چۈشكەن چۈشكەن رەسىمىنى بىرلىكتە تارقاتقان ئۇچۇرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋېتىردا ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن ئۇچۇر بولۇش ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

ئوباما 3 پارچىغا بۆلۈپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۈنجى قاراتەنلىك دۆلەت رەئىسى نېلسون ماندېلانىڭ 1994 – يىلى ئېلان قىلىغان تەرجېمەھالىدىن مۇنۇ ئۇزۈندىگە ئورۇن ئاجراتقان ئىدى:

«ھېچكىشى بىراۋنىڭ تەن رەڭگىدىن، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن ياكى دىنىدىن نەپرەت قىلغان ھالدا تۇغۇلمايدۇ. ئىنسانلار نەپرەتلىنىشنى كېيىن ئۆگىنىدۇ، ئەگەر نەپرەتلىنىشنى ئۆگەنكەن بولسا، سۆيگۈنىمۇ ئۇلارغا ئۆگەتكىنى بولىدۇ. سۆيگۈ ئىنساننىڭ قەلبىدىن نەپرەتكە قارىغاندا تېخىمۇ تەبىئىي ھالدا ئورۇن ئالىدۇ»

بۇ ئۇچۇرغا ئوبامانىڭ 2011 – يىلى مارىيلاندتىكى بىر يەسلىدە ئۆسمۈرلەرگە سالام بېرىۋاتقان رەسىمى ئىلاۋە قىلىندى.  

رەسىم ئاق ساراينىڭ سابىق فوتو – سۈرەتچىسى پەتە سۇزا تەرىپىدىن تارتىلغان ئىدى. 

ئوبامانىڭ بۇ ئۇچۇرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تىۋېتىردا ئەڭ كۆپ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن 5 – ئۇچۇرى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر