ئىراننىڭ سۈرىيەدە راكېتامىيوت زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ بانياس ناھىيەسىدە راكېتامىيوت زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

791109
ئىراننىڭ سۈرىيەدە راكېتامىيوت زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتامىيوت زاۇۋتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق قاراشلار پەيدا بولدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قانال 2 ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ ئاقدېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان بانياس ناھىيەسىدە ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتامىيوت زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھسىدىن تارتىلغان ۋە بانياسقا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن فوتو-سۈرەتلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر خەۋەردە، ئىشلەپچىقىرىلىدىغان راكېتامىيوتلارنىڭ بۇ فوتو-سۈرەتلەردىكى بازىلاردىن بىر قىسمىغا يوشۇرۇپ قويۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە تېھرانغا يېقىن جايدىن تارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن سۈنئىي ھەمراھ فوتو-سۈرەتلىرى بىلەن، باينياستىن تارتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھ فوتو-سۈرەتلىرىدىكى بازىلار سېلىشتۇرۇلۇپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنىڭ تولىمۇ يېقىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا «ئىران ۋە ۋەكىللىرىگە ئومۇمىي جەھەتتىن سۈرىيەدە، كونكرېت جەھەتتىن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ھەربىي بازا قۇرۇپ چىقىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك»دېگەنىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىشنى ۋە قىزىل سىزىقلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قىزىل سىزىقلىرىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «ھىزبۇللاھ ياكى ئىران كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدە كۈچىيىپ كېتىشى ، بولۇپمۇ سەزگۈر قوراللارغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇ كۈچلەرنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسى ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىشقا توسالغۇ بولۇش، ئىراننىڭ سۈرىيە مىقىياسىدا ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقتىن ئىبارەت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر