چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار تالاش-تارتىشلىق ئاراللار مەسىلىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

790278
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەگە دېڭىزىدا بىر-بىرىگە چېتىشلىق بىر قاتار مەسلىلەر بارلىقىنى بىلدۈرى.

تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەدە بىر قىسىم كىچىك ئاراللار ۋە قىيالىقلارنىڭ تەۋەلىكى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەردە دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئېنىق بېكىتلمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.»

1923 – يىلىدا ئىمزالانغان لوزان بىلەن 1947 –يىلىدا ھاسىل قىلىنغان پارىژ تىنچلىق ئەھدىنامىلىرىدە ئەگە دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ تەۋەلىكى توغرۇلۇق ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ئەھدىنامىلەرنىڭ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قورالسىزلىنىش ئەھۋالى توغرۇلۇق تەپسىلىي ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«بۇ مەسىلە لوزان ۋە پارىژ ئەھدىنامىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى چۈشەندۈرشكە ئالاقىدار قانۇنىي مەسىلىدۇر»دېگەن چاۋۇشئوغلۇ مۇنۇ سۆزلەرنى بايان قىلدى: «مەلۇمكى، ئەگە مەسىلىلىرى گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ يوللىرى دائىرىسىدە ئەتراپلىق كېڭەش قىلىندى، دۆلىتىمىز بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەققانىيەتكە مۇۋاپىق ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى ئاساس قىلىنغان ھالدا دىئالوگ ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.»

ئەگە دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەر ۋە بۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 1996-يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىز  گىرېتسىيەنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئاراللاردا مەسىلە پەيدا قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلدۇق. بىز بۇ باياناتلىرىمىزدا مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىمىزنى گىرېتسىيە دائىرىلىرىگە ئىزچىل يەتكۈزۈپ تۇردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر