كونگودا خولېرا سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدە خولېرا كېسەللىكى سەۋەبىدىن 117 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.

788911
كونگودا خولېرا سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكەن ئاي باش كۆتۈرگەن خولېرا سەۋەبىدىن 117 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي رايونلاردا 11-ئىيۇلدا باشلىغان خولېرا بىلەن يۇقۇملانغان 3140 كىشىدىن 117نىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يېڭى خولېرا ھادىسىسى كۆرۈلۈش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ ئەكسىچە، بۇ كېسەللىكنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىش خەتىرىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خولېرا كېسەللىكىگە پاكىز سۇنىڭ كەملىكى ۋە مۇھىتنىڭ ناچارلىقىغا ئوخشاش ئامىللار سەۋەب بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر