گوللاندىيەدە ھازىرغىچە ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى

گوللاندىيەدە بۇلتۇر ئومۇمىي ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى.

788872
گوللاندىيەدە ھازىرغىچە ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە 150 كۈن بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى.

ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خەلق پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.  

مۇزاكىرىنىڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسى بىلەن تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر گېررىت زام مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۆت پارتىيەنىڭ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش نىيىتى بارلىقىنى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئاران قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گوللاندىيەدە 2017-يىلى 15-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىلىرىگە كۆرە بىرمۇ پارتىيە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرالايدىغان ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن.

سىياسىي ئانالىزچىلار گوللاندىيەدە ھەر يىلى سېنتەبىرنىڭ ئۈچىنچى سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان راسخوت پىلانىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر