خىتاي ئۇرۇش چىققان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنى قوغدايدىكەن

خىتاي كومىنېستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دە، ئۇرۇش چىققان تەقدىردە، خىتاينىڭ بىتەرەپ تۇرۇش بىلەنلا قالماي، شىمالىي كورېيەنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنى قوغدايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

788580
خىتاي ئۇرۇش چىققان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنى قوغدايدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتە ئەگەر شىمالىي كورېيە بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا ياكى جەنۇبىي كورېيە بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەدىكى كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىكى ماقالىدا، «ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە مەسئۇللىرىنىڭ باياناتلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكلەرنىڭ تېخىمۇ ئۆرلىگەن ھالدا داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى بولماقتا» دېيىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە ۋە ئامېرىكىغا ئېلان قىلغان چاقىرىقىلىرىغا قارىماستىن، يىرىكچىلىكلەرنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ماقالىدا ، «ئەگەر خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىش كۆرۈلسە، بۇنىڭغا خىتاينىڭ قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى بارلىق تەرەپلەرگە ئوچۇق جاكارلىنىشى لازىم» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

ماقالىدا، «ئەگەر شىمالىي كورېيە بىرىنچى بولۇپ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، خىتاي بىتەرەپ تۇرىدۇ. ئەگەر تۇنجى ھۇجۇمنى ئامېرىكا ياكى جەنۇبىي كورېيە قىلىدىغان ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدا تۈزۈم ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىغان، رايوندىكى سىياسىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشكە يۈزلىنىدىغان بولسا، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

خىتاينىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا ھەم يادرو پائالىيەتلەرنىڭ دااۋملىشىشىغا، ھەم ئۇرۇش يۈز بېرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مەنپەئەتى بولغان رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان ھەر قانداق ئىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر