ئۈندىدار قاتارلىق ئۈچ تاراتقۇ تەكشۈرۈلىدۇ

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچ ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى ئۈستىدە سىبەر بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلىپ تەكشۈرۈش باشلاندى.

788116
ئۈندىدار قاتارلىق ئۈچ تاراتقۇ تەكشۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئىنتېرنېت ئىدارىسى (CAC) ئەڭ چوڭ پەن-تېخىكا شىركىتى تىڭشۈننىڭ تەركىبىدىكى ئۈندىدار (Wechat) ناملىق يۇمتال، ۋېيبو ۋە بەيدۇ شىركىتى تەركىبىدىكى تېبا ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي ئىنتېرنېت ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، كىشىلەرنىڭ مەزكۇر تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە ئەخلاققا يات نەرسىلەرنى ھەمبەھىرلەشكەنلىكىنى، دۆلەت ئامانلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە تەھدىت سالىدىغان پىتنە-ئىغۋالارنى تارقاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، ئۈندىدار (ۋىچەت)، ۋېيبو ۋە بەيدۇ تېبانىڭ سىبەر بىخەتەرلىك قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە مەزمۇنى ساغلام بولمىغان يازمىلارنىڭ تارقىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى گۇمانى بىلەن، بېيجىڭ ۋە گۇاڭدوڭدىكى مۇپەتتىش خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىنتېرنېت ئىدارىسىنىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى يازمىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ قانۇنىغا مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى كونترول قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتاينىڭ يېڭى سىبەر بىخەتەرلىك قانۇنى 2016-يىلى ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2017-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى.

خىتايدا 2017-يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان، زوراۋانلىقنى تەشۋىق قىلغان ۋە ئاساسسىز سۆزلەرنى تارقىتىپ، جەمئىيەت خاتىرجەملىكىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولدى، دېگەنلەر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 3 مىڭ 918 تور بەت تاقالدى، 810 مىڭ كىشىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىشى توسۇپ قويۇلدى.

دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان يوتۇب، فەيسبۇك ۋە تۋىتتېرغا ئوخشاش تور بەتلىرى چەكلەنگەن خىتايدا، بۇلارنىڭ ئورنىغا «سىنا»، «يۇكۇ» ۋە ئۈندىدار (ۋىچەت) قاتارلىق يەرلىك تاراتقۇلار ئىشلىتىلىدۇ. «خىتاي سېپىلى» دېيىلىدىغان بىخەتەرلىك تېمى بىلەن ساندانلار ئۈزۈكسىز سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەسىلە بار دەپ قارالغان يازما ياكى باشقا ئۇچۇرلار دەرھال چەكلىنىدۇ. تەخمىنەن 800 مىليون ئىنتېرنېت ئابونتى بولغان بۇ دۆلەتتە، تاراتقۇ مۇنبەرلىرىگە راست كىملىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر