لاۋروۋ: شىمالىي كورېيە كىرىزىسىنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسدىكى يىرىكچىلىكنىڭ كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

788389
لاۋروۋ: شىمالىي كورېيە كىرىزىسىنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قورال كۈچىگە ئىگە بىر دۆلەت بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سېرگېي لاۋروۋ ۋىلادىمىر رايونىدا بىر مۇنبەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «شىمالىي كورېيە يادورۇلۇق قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان ئىدى. بىراق كېيىن كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، يادرولۇق قورال ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بارلىق قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىشماقتا. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلىسىلەر. بىز شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قورالغا ئىگە بىر دۆلەت بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.

لاۋروۋ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ «بۇ كىرىزىس نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە يول ئاچىدۇ» دەپ قارايدىغان بولغاچقا كىرزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن لاۋروۋ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسدىكى يىرىكچىلىكنىڭ كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر