كاراچىدا ساقچى ئاپتوموبىلى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ساقچى ئاپتوموبىلى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 2 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
788245
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مۇپەتتىشى زۇلپىقار لارىك، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى ئەمەلدارى بىلەن بىر مۇھاپىزەتچىسى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە ئىككى ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
لارىك، ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.