ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ئىشلەيدىغان ئاياللار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا يېقىن جايدىكى ئامېرىكا بازىسىدا ئىشلەيدىغان ئافغان ئاياللار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

787633
ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ئىشلەيدىغان ئاياللار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا يېقىن جايدىكى ئامېرىكا بازىسىدا ئىشلەيدىغان ئافغان ئاياللار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 3 ئايال ئۆلدى، بىر ئايال يارىلاندى.

باگرام ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇششۇكۇر قۇددۇسى، مەزكۇر ئاياللارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولغان باگرامغا يېقىن جايدىكى بازاردىن نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىۋاتقان ئەسنادا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى؛ ھۇجۇمدا 3 ئايالنىڭ ئۆلگەنلىكى، بىر ئايالنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

بۇنىڭدىن بىر يېرىم ئايچە ئىلگىرى، مەزكۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئافغانىستانلىق مۇھاپىزەتچىلەر ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 8 كىشى ئۆلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر