شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا قاچان ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋاشىنگتون  ۋە پىيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۈركىلىشى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا قاچان ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

787157
شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا قاچان ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىغا مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى 4 دانە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىكەن.

شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پىلانىمىزنى تۈزىمىز ۋە گۇئامغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن باش قوماندانىمىز (كىم جۇڭئۇن) نىڭ بۇيرۇقىنى كۈتىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن پىلانغا ئاساسلانغاندا، كورېيە خەلق ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىلىدىغان Hwasong-12  ناملىق  باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار 3357 كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىكەن ھەمدە گۇئام ئارىلىرىنىڭ 30 – 40 كىلومېتىر ساھىلىغا چۈشىدىكەن. باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياپونىيەنىڭ شىمانېې، خىروشىما ۋە كوئىچى رايونلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچىدىكەن.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ «شىمالىي كورېيە تەھدىت سېلىشنى توختاتسا ياخشى بولىدۇ، بولمىسا ئاتەش ۋە غەزەپ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىنى «قۇرۇق گەپ» دەپ ئاتىدى.

كورېيە خەلق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى كىم راكگيوم ترامپ ئۈچۈن، «مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىغان بۇ ئادەم بىلەن مەنىلىك دىيالوگ ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، تىنچ ئوكياغا جايلاشقان ۋە شىمالىي كورېيەدىن 3400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇئام ئارىلىدا B-1  تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلار تەرىپىدىن جەنۇبىي كورېيەدىكى ھاۋا ئارمىيەسى ساھەسىدىكى ئۇچۇشلاردىن كېيىن ماي قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاندېرسون ھاۋا ئارمىيەزى بازىسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر