ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

دىندار يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىكدور لىبېرمانغا ھۇجۇم قىلدى.

786534
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە ھارېدىي يەھۇدىيلىرى غەرىي قۇددۇسنى زىيارەت قىلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىكدور لىبېرماننىڭ ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلدى.

ۋەقەدە، لىبېرمان ۋە ئاپتوموبىلى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ساق-سالامەت چىقىپ كەتتى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، «دىندار يەھۇدىيلار غەربىي قۇددۇستىكى مېئا شەرىم مەھەللىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىبېرمان مەھەللىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە ئاپتوموبىلىغا تاش ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى» دېيىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جەرياندا ساقچىلارنىڭ ھارېدىلەرنى تارقىتىۋەتكەنلىكى، مىنىستىر ۋە ئاپتوموبىلىنىڭ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىماستىن مەھەللىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى. 

باياناتتا، ساقچىلار بىلەن ھارېدىيلەر ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا، بىر ياش قىزنىڭ بېشىدىن يارىدار بولغانلىقى، ساقچىلارنىڭ مالىمانچىلىق چىقارغۇچىلارنى تارقىتىۋەتكەنلىكى  بىلدۈرۈلدى.

ئورتودوكس ھارېدىي يەھۇدىيلىرى ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ %10 نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار قارا كىيىم كىيىپ، چاچلىرى ئارىسىدا سىكىلەك چاچ قويۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇلىدۇ. ھارېدىي يەھۇدىيلىرى ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ باشقا پىرقىلىرى بىلەن ئەڭ كۆپ چىقىشالماسلىقى بىلەنمۇ ئالدىنقى پىلاندا تۇرىدۇ.

ھارېدىي يەھۇدىيلىرى ئاساسەن دېگۈدەك قۇددۇس ۋە بنەي براك شەھىرىدە تۇرىدۇ. كۆپ قىسمى دىنىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالماسلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىيلىككە بېرىشنى رەت قىلىدۇ.

ئىسرائىلىيەدە ئاياللارنىڭ ئىككى يېرىم يىل ۋە ئەرلەرنىڭ 3 يىل مەجبۇرىي ھەربىيلىككە بېرىشى شەرت. بىراق، ھارېدىيلەرنىڭ يۇقىرىقى پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن كۆپ ھاللاردا ساقچىلار بىلەن تالاش-تارتىش ۋە توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

ھارېدىي يەھۇدىيلىرى ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى «يەھۇدىي شەرىئىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىش» دەپ ئىزاھلايدۇ. ھەتتا، ئۆز ئىچىدىن ھەربىيلىككە بىرىشنى قوبۇل قىلغانلىرىنى ئەيبىلەپ، ھۇجۇم قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

ھارېدىي يەھۇدىيلىرى «سېكۇلار» (دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەن) مائارىپ سىستېمىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، پەرزەنتلىرىنى پەقەتلا دىنىي تەلىم بېرىدىغان ئۆز مەكتەپلىرىدە ئوقۇتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر