ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى دونالد ترامپقا چاقىرىق ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى باياناتچىسى ئىبراھىم ھۇپېر «دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋېلىشى پەقەت ئىسلام دۈشمەنلىرىنىلا كۈچلەندۈرىدۇ» دېدى.

786666
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى دونالد ترامپقا چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مىننېسوتادىكى جامەگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە تۇتقان سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەدىن ۋاز كېچىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مىننېسوتاغا قاراشلىق بلومىڭتون رايونىدىكى دارۇل فارۇق ئىسلام مەركىزىگە شەنبە كۈنى بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى قىلىنغان ۋە ئىمامنىڭ ئىشخانىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىمەسلىكى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. 

ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى باياناتچىسى ئىبراھىم ھۇپېر «دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇۇۋېلىشى پەقەت ئىسلام دۈشمەنلىرىنىلا كۈچلەندۈرىدۇ» دېدى.

مىننېسوتا مۇسۇلمان ئامېرىكا خەلقى جەمئىيتى باشلىقى ئاسەد زامانمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ھەقتە نېمە ئۈچۈن تىۋېتتىر ھېسابىدا بىر نەرسە دېمەيدۇ؟ تولىمۇ قىزىقماقتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى مۇدىرى روبېرت مىك كاۋ بولسا، پىرېزىدېنتنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋېلىشىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى خادىمى سېلاستىيان گوركا «MSNBC» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، دونالد ترامپنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۈرۋىلىشىنى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى ئىدىئولوگىيەلىك سەۋەبكە باغلاپ چۈشەندۈردى ۋە شۇڭا ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گوركا ۋەقەدىن كېيىن تەييارلانغان دەسلەپكى دوكلاتنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولغانلىقىنى تەكىتلەپ،  «ئۇلارنى كونترول قىلىشىڭىز لازىم. جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنىڭ كىملىكىنى تېپىپ چىقىشىڭىز لازىم» دېدى.

كورگا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، «كۈتۈپ قاراپ باقايلى! يەرلىك دائىرىلەرنىڭ باھا بېرىشىگە يول قويايلى! ئاق ساراي كېيىنرەك باياناتىنى ئېلان قىلىدۇ» دېدى.

بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ياردەم قىلغانلارغا 24 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رايوندىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە دىنىي زاتلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي راھىپلىرىنىمۇ ئۆ ئىچىگە ئالغان مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا پۇقراسى جامەنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا مىننېسوتا پارلامېنت ئەزاسى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە قىزىقچى ئال فرانكېن بىلەن پالاتا ئەزاسى تىن ۋالزمۇ ئىشتىراك قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر