پۇتىننىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئابخازىيەدىكى زىيارىتى نارازىلىق قوزغىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، گىرۇزىيەدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئابخازىيەدە زىيارەتتە بولدى.

786590
پۇتىننىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئابخازىيەدىكى زىيارىتى نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئابخازىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا بايانات بېرىپ، ئابخازىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئالاھىدە بىر رىشتە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، خەۋپسىزلىك ۋە ساياھەتچىلىك دېگەندەك ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ۋىلادىمىر پۇتىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئابخازىيەگە ھەربىي جەھەتتە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى شۇنداقلا ئابخازىيەگە ھامىي بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

پۇتىننىڭ ئابخازىيە زىيارىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنت ياردەمچىسى مايك پېنسنىڭ گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىفلىستىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن بىر ھەپتە كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋە گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى گېئورگى مارگۋېلاشۋىلى، پۇتىننىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ئابخازىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى ئەيىبلىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى مەركىزى بايانات بېرىپ، پوروشېنكونىڭ، رۇسىيەنىڭ گىرۇزىيەگە ھۇجۇم قىلغىنىغا 9 – يىل بولغان كۈندە مارگۋېلاشۋىلى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنانىڭ گىرۇزىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى، گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مارگۋېلاشۋىلى بولسا، گىرۇزىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قوللىشىنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيا، 2008 – يىلى بىر تەرەپلىمە ھالدا گىرۇزىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رۇسىيە تىفلىس دائىرىلىرىنىڭ رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىشىدىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، گىرۇزىيە ئارمىيەسىنى مەزكۇر رايونلاردىن چېكىندۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر