خىتاينىڭ ئىككى پاراخوتى جۇجياڭ دەرياسىدا سوقۇشۇپ كەتتى

خىتايدا ئۆتكەن ھەپتە جۇجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا تۇتىشىدىغان رايونىدا بىر-بىرىگە سوقۇشۇپ كەتكەن ئىككى يۈك پاراخوتى خوڭكوڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ چوڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلدى.

786852
خىتاينىڭ ئىككى پاراخوتى جۇجياڭ دەرياسىدا سوقۇشۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا تۇتىشىدىغان رايونىدا سوقۇشۇپ كەتكەن خىتاينىڭ ئىككى يۈك پاراخوتى خوڭكوڭغا مۇھىت تەھدىتى پەيدا قىلدى. بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇھىت تازىلاش خىزمەتلىرىدە، دېڭىز ساھىللىرىدىن 93 توننا پالما يېغى يىغىلدى. بىراق، دېڭىزدا يەنە تەخمىنەن مىڭ توننا پالما يېغىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. دېڭىز سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇچار قۇشلار ۋە بېلىقلار ئۆلۈپ كەتتى.

مۇتەخەسسىسلەر، دېڭىزدا ئوكسىگېننى تۈگىتىۋېتىدىغان پالما يېغىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېلىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

خوڭكوڭ دائىرىلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە كېچىكىپ خەۋەر بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر