ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يەنە بىر قېتىم ناھايىتى زور مىقداردا ياردەم قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د غا دائېشقا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ھەربىي ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

785985
ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يەنە بىر قېتىم ناھايىتى زور مىقداردا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاسەكەدىكى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى، ئامېرىكا ھەربىي ياردەملىرى بېسىلغان 112 يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىراق چېگراسىدىن ئۆتۈپ، تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ھاسەكەگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى. يۈك ماشىنىلىرىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان يۇقىرى ئىقتىدارلىق بىرونىۋىكلار، يېقىلغۇ كونتېينېرلىرى ۋە ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى ئاپتوموبىللار دىققەتنى تارتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەربىي ياردەملەرنىڭ كېچە پەيتلىرىدە ئۈستى يېپىۋېتىلگەن يۈك ماشىنىلىرى بىلەن يۆتكىلىشىمۇ دىققەتلەردىن قاچمىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى 5 – ئىيۇندا 60؛ 12 – ئىيۇندا 20؛ 16 – ئىيۇندا 50 ۋە 21 – ۋە 26 – ئىيۇندا جەمئىي 120؛ 5 – ئىيۇلدا 82، 9 – ئىيۇلدا 102؛ 13 – ئىيۇلدا 95، 17 – ئىيۇلدا 100؛ 22 – ئىيۇلدا 100؛ 27 – ئىيۇلدا 80؛ 31 – ئىيۇلدا 100 بولۇپ جەمئىي 909 يۈك ماشىنىسى پ ك ك / پ ي د تەۋەلىكىگە ياردەم يۆتكىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر