ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مېككائىن رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موسكۋانى دەرىجىدىن تاشقىرى سىياسىي خىرىسلارنىڭ پىيىدە بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

786049
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مېككائىن رۇسىيەنى دەرىجىدىن تاشقىرى سىياسىي خىرىسلارنىڭ پىيىدە بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ: «دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تەھدىت پەيدا قىلماقتا ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئۇلار ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشنى داۋام قىلىدۇ. بىراق، بۇ تەشكىلاتلار دۇنياغا خوجايىن بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە ئىگە بولغان ھەربىي ئىقتىدار ۋە قابىليەتكە، تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس، شۇنداقلا نىشانىمۇ يوق» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئەركىن دۇنيانىڭ دوستى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، موسكۋا ھاكىمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە سايلاملىرىغا قول تىقىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشنىڭ ترامپقا قارىتىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە مىللىي بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ترامپنىڭ كۈچلۈك قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پەقەت مۇشۇ ئۇسۇلدا كۈرەش قىلالايمىز، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ كېيىنكى قەدىمىگە مۇشۇنداق تەييار بولالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر