ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان بومبا تېپىلدى

گېرمانىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان بومبا تېپىلدى.

786037
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان بومبا تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇسسېلدورف شەھىرىدە تېپىلغان بومبا سەۋەبلىك 2300 كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلماقتا.

دۇسسېلدورف شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 250 كىلوگرام كېلىدىغان بومبا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، كۈن ئىچىدە پاچاقلاپ تاشلىنىدىكەن.

بۇ دائىرىدە قۇرۇلۇش ئەتراپىدىكى رايوندىن 2300 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەتراپتىكى يەنە 4500 كىشىنىڭ بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش جەريانىدا ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر