مەككىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

مەككىنىڭ ئەزىزىيە مەھەللىسىدە ھىندىستانلىق ھاجى نامزاتلىرى چۈشكەن 7 قەۋەتلىك مېھمانخانىنىڭ 7 - قەۋىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

785913
مەككىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە 391 نەپەر ھاجى نامزاتى چۈشكەن بىر مېھمانخانىدا ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.

مەككە خەلق مۇداپىئە ئىشلىرى ئىدارىسى باياناتچىسى نايىف شەرىف ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا،

«مەككىنىڭ ئەزىزىيە مەھەللىسىدە ھىندىستانلىق ھاجى نامزاتلىرى چۈشكەن 7 قەۋەتلىك مېھمانخانىنىڭ 7 - قەۋىتىدە ئەتىگەن سەھەردە ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى» دېدى.

باياناتتا، مېھمانخانىدىكى 391 نەپەر ھاجى نامزاتلىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا يۆتكەپ چىقىلغانلىقى، ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر