شىمالىي كورېيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەيىبلىدى

پىيوڭياڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش قارارى چىقارغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەيىبلىدى.

785337
شىمالىي كورېيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ KCNA خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىيوڭياڭ ئېمبارگولارغا قارىتا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئامېرىكىنىڭ ئوكياننىڭ قارشى تەرىپىدە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشىدىنمۇ چوڭ خاتالىق بولمىسا كېرەك.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن ئاي سۇنغان ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلغان.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھەپتە ئاخىرىدا فىلىپپىندىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان بولسىمۇ، شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ سۆھبەت تەكلىپىنى رەت قىلغان. بىراق شىمالىي كورېيەدىن سېئۇلنىڭ سۆھبەت تەكلىپىگە قارىتا تېخىچە رەسمىي جاۋاب بېرىلمىگەن. شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا، «شىمال جەنۇبنىڭ تەكلىپىنى پۈتۈنلەي رەت قىلمىغان دەپ قارايمەن» دېگەن. بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بۈگۈن ئەتىگەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، ترامپ شىمالىي كورېيەنى «بارغانسېرى زورىيىۋاتقان تەھدىت» دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رەھبەرلەر ئۇچرىشىشتا، پىيوڭياڭغا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىش ۋە ئېمبارگولارنى كۆپەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر