ئامېرىكىدا بىر جامەدە پارتلاش يۈز بەردى

ساقچى تارماقلىرى، بلۇمىڭتون رايونىدىكى دارۇلفارۇق ئىسلام مەركىزىدە سەھەر سائەت 5 ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

784531
ئامېرىكىدا بىر جامەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شەھىرىدىكى بىر جامەدە بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى پارتلاش يۈز بەردى؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

شۇ جايدىكى ساقچى تارماقلىرى بايانات بېرىپ، بلۇمىڭتون رايونىدىكى دارۇلفارۇق ئىسلام مەركىزىدە سەھەر سائەت 5 ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىننېسوتا ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ئىشلىرى دىرېكتورى ئەسەد زامان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جامە جامائىتىدىن بىر كىشىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ، پارتلاشنىڭ بامدات نامىزىغا ئازلا قالغاندا، كىچىك تىپلىق بىر يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرغان بىرىنىڭ ئىمامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن ئىچىگە بىر نەرسىنى ئېتىۋېتىپ ناھايىتى تېزلا كېتىپ قېلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پارتلاش يۈز بەرگەندە جامەدە 20 گە يېقىن ئادەمنىڭ بارلىقىنى، بىراق ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ئىمامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ سۇندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىغا ياردەمچى بولغۇچىلارغا 10 مىڭ دوللار ماددىي مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر