ئامېرىكا بىلەن خىتاي شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى.

784583
ئامېرىكا بىلەن خىتاي شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى توغرىسىدا بايانات بەردى
cin vang yi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىت پەيدا قىلغۇچى، مۇقىملىققا زىيانلىق پائالىيەتلىرىگە قارشى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىمنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ باياناتتا، «پىرېزىدېنت ترامپ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا قارىتا شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونى ئېغىرلاشتۇرۇش قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى. پىرېزىدېنت، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ جەرياندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگونى ئېغىرلاشتۇرۇش قارارىدىن كېيىن، تەرەپلەرنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ۋاڭ يى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بايانات بېرىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو مەسىلىسىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن دىيالوگ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش زۆرۈر، بىراق بۇ ئاخىرقى نىشان ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر