پ ي د تېررورچىلىرى مارەدە پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋاتقان مارە ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى.

784587
پ ي د تېررورچىلىرى مارەدە پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋاتقان مارە ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىرى ئايال جەمئىي 3 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 6 پۇقرانى يارىلاندۇردى.

مارەدىكى پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرى، پ ي د نىڭ مارەدىكى ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا 3 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 6 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر خادىملار، يارىدارلارنىڭ مارە دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «پ ي د ئۇزۇندىن بۇيان ناھىيەگە ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلماقتا. بۈگۈنكى ھۇجۇمىدا كۆپلىگەن ئاھالىلەر رايونلىرىدا ماددىي زىيان كۆرۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، مارەدىكى مەھەللىي ئاخبارات پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇللاھ ھۈسەيىن، مارەدىكى ئۆكتىچى ئەسكەرلەرنىڭ پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ناھىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا تەشكىلات بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر