دائېشنىڭ ئاتالمىش 3 قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سىرتقى ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە بومبا ياساش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاتالمىش 3 قوماندانى بىلەن كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

783661
دائېشنىڭ ئاتالمىش 3 قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسى پولكوۋنىك رىيان دىللون، دائېشنىڭ سىرتقى ھەربىي ھەرىكەت ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتتىباشلىرىدىن ئابدۇلغوغۇر ۋە ياردەمچىسى ئەبۇ ھاممام، تەشكىلاتنىڭ پارتلاتقۇچ مۇتەخەسسىسى ئەبۇ فەتتۇمنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

دىللون ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىن  ۋىدېئو چاستوتا ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەمدە ئۆلتۈرۈلگەن تېررورىستلارنىڭ دائېشنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ھۇجۇملارنى پىلانلىغان ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى بومبا ياساش ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ياردەمچى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر