ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى سىياسىي شەخسلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى سەۋەبلىك ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

781940
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋېنېزۇئېلادا مەملىكەتلىك قۇرغۇچى پارلامېنت تەشكللەش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت مىقىياسىدا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ قايتىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تىللېرسون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «ۋېنېزۇئېلادا مەملىكەتلىك قۇرغۇچى پارلامېنت تەشكىللەش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن  يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، ئۆكتچى رەھبەرلەرنىڭ قايتىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىمۇ بىزنى بىئارام قىلدى، بىز مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى تەخمىن قىلغانىدۇق.»

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇننى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قۇرۇلماقچى بولغان مەملىكەتلىك قۇرغۇچى پارلامېنتى تەشكىللەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تىللېرسون، ۋېنېزۇئېلادىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنى بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تىللېرسون سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مادۇرونىڭ كەلگۈسىنىڭ يوقلىقىغا قارار بېرىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان شارائىت يارىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز ياكى ھۆكۈمەتكە بۇرۇنقى ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي چارە تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز.»

ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ھۇكابې ساندېرسمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆكتچى رەھبەر لىئوپولدو لوپېزنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە باشقا سىياسىي شەخسلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك مادۇرو ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسېنىڭ لوپېز بلەن ئۆتكەن ھەپتە كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ساندېرس مۇنۇلارنى دېدى: «ئامېرىكا  مادۇرونىڭ دىكتاتورلۇق سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، مادۇرو ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان بارلىق سىياسىي شەخسلەرنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىكىگە مادرو ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر