ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكىنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق چىقارغان ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
781415
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
مادۇرو ۋېېزۇئېلادا ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇننى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن تەشكىللىنىدىغان تەشكىلىي مەجلىس ۋەكىللىرىنى بېكىتىش سايلىمىدىن كېيىن ، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق چىقارغان ئېمبارگو قارارى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار مېنى تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تەھدىت ۋە ئېمبارگولىرى مېنى قەتئىي بويۇن ئەگدۈرەلمەيدۇ.»
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو يەنە مۇنداق دېدى: «ترامپنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمايمەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق.»