خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇمىدا 60 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلىرى مەملىكەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇررەھمان مۇستافا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

781480
خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇمىدا 60 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ سۈرىيەنىڭ دەيرىززور شەھىرىگە ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمىدا 60 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە نىشانلارنى بومباردىمان قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە تەخمىنەن 25 پۇقرا يارىدار بولدى.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلىرى مەملىكەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇررەھمان مۇستافا، ئىتتىپاقداش قىسىملارنى پۇقرالارغا قارىتا تېخىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر