كابۇلدىكى ئىراق ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ئىراق ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

780729
كابۇلدىكى ئىراق ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى، بومبا قاچىلانغان  ئاپتوموبىلنىڭ ئىراقنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا پارتلىتىلغانلىقى، ئارقىدىن قوراللىق بىر كىشىنىڭ ئەلچىخانا بىناسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەر، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قورال ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.

ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر