يەمەندە خولېرا كېسىلى تارقالغاندىن بۇيان 1889 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

خولېرا كېسىلى يەمەننىڭ پۈتۈن ۋىلايەتلىرىگە دېگۈدەك تارقالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

779881
يەمەندە خولېرا كېسىلى تارقالغاندىن بۇيان 1889 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، يەمەنىڭ 22 ۋىلايىتىگە كولېرا كېسىلى تارقالغانلىقى ۋە 21 ۋىلايەتتە كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋىلايەت 388 كىشى بىلەن ھاججە ۋىلايىتى بولغان. ھاججە ۋىلايىتىدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋىلايەت 240 كىشى بىلەن ئىب ۋىلايىتى ۋە 222 كىشى بىلەن ئەل ھۇدەيدە ۋىلايىتى بولغان.

دوكلاتتا يېقىنقى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسدە خولېرا كېىسىلگە گىرىپتار بولغانلار سانىنىڭ 678 كىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

يەمەندە ئىككى يىلدىن ئاشقان ئىچكى توقۇنۇشلار تۈپەيلى دۆلەت ئىچىدە ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان 3 مىليونغا يېقىن كىشى پاكىز سۇغا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپلىشىپ كەتكەن ئەخلەتلەر يىغىشتۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن كۈنسىرى خولېرا كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشماقتا. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر