رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇش قارار قىلىندى

ئامېرىكىدا رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

779113
رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇش قارار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالىي پالاتاسى رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى 2گە قارشى 98 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.

مەزكۇن قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىشىغا سۇنۇلىدۇ.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇرۇن قارشى چىققان بۇ قانۇن لايىھەسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋېتو قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھازىردىن باشلاپلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

مەزكۇن قانۇن لايىھەسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتى، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا شىمالىي كورېيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلى بۇ دۆلەتلەرگە قويۇلغان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.

رۇسىيەگە  پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىن يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنىمۇ مەزمۇن قىلغان بۇ قانۇن لايىھەسى، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ پىرېىزدېنتلىق قارارنامىلىرى بىلەن موسكۋاغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىمۇ قانۇنلاشتۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئېمبارگولار قويۇلغان دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شىمالىي كورېيە بىلەن ئىراندىن كېيىنلا تۈنۈگۈن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرى سەۋەبلىك بايانات ئېلان قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇنداق دېدى: «رۇسىيەگە قارىتىلغان بۇ جازالارغا داۋاملىق سەۋر قىلىپ تۇرالمايمىز.»

فىلاندىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ۋىلادىمىر پۇتىن سۆزىنى داۋملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«قانۇنسىز ئېمبارگولار ئارقىلىق دىپلوماتلىرىمىز ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلىۋاتىدۇ ۋە دىپلوماتىك ئورۇنلىرىمىزنىڭ مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋالغا قاراپ تۇرالمايمىز. مەلۇمكى، بىزگە قارىتىلغان ئېمبارگولارغا ئۇزۇندىن بۇيان سەۋر قىلىپ سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭغا چوقۇم تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغان ۋاقىت  يېتىپ كېلىدۇ.»

ئامېرىكا ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى بولغان ئېمبارگولارغا ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ قارشى چىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر