مەككىگە راكېتامىيوت ئاتقان شىئە ھۇسىيلارغا زەربە بېرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملاريەمەندىكى شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلدى.

779107
مەككىگە راكېتامىيوت ئاتقان شىئە ھۇسىيلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادىكى شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە بىر قىسىم بازىلارنى بومباردىمان قىلدى.

مەككە رايونىغا يەمەن زېمىنلىرىدىن ئېتىلغان بالىستىك راكېتامىيوت سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پايتەخت سەنئادا يېرىم كېچىدە ناھايىتى شىددەتلىك پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

ھۇجۇمدا سەنئانىڭ شىمالىغا جايلاشقان شىئە ھۇسىيلارنىڭ تىزگىنىدىكى دۇلەيمى ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىلەن ئاتان تېغىدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى نىشان قىلىنغان.

ئىگىلىنىشچە، جەمنەدىكى جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچىلىرى مەكتىپى بىلەن پايتەختنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاشام ئەل-بەقرا ھەربىي بازسىغىمۇ بومباردىمان قىلىنغان.

شاھىتلار شىئە ھۇسىيلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى 1-ھەربىي ئاپتوموبىللار قىسمى ھەربىي بازىسىنىڭمۇ نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە ئەل-مەسىرا تېلېۋىزىيە قانىلى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ئاغدۇرۇۋېىتلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تۇغۇلغان سەنھان ناھىيەسىدىكى جەربان يېزىسى بىلەن پايتەختنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامران ناھىيەسىگە قاراشلىق ھارف سۇفيان ۋە ھۇس ناھىيەلىرىدىكى شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە ھەربىي بازىلارنى 6 قېتىم كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار قوماندانلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلار ھەج پائالىيىتىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن مۇقەددەس شەھەر مەككىگە بالىسىتىك راكېتامىيوت ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.»

شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان كەبئە جايلاشقان مۇقەددەس شەھەر مەككىگە بۇلتۇر 12-سېنتەبىردە قويۇپ بېرىلگەن بالىستىك راكېتامىيوتمۇ كەبىئەگە 65 كىلومېتىر يىراقلىقتىلا ۋەيران قىلىۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر