پۇتىن، ئەرمېنىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى «ئورتاق ئارمىيە گۇرۇپپىسى» تەشكىللەش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەرمېنىيە بىلەن ئورتاق ئارمىيە گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

778932
پۇتىن، ئەرمېنىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى «ئورتاق ئارمىيە گۇرۇپپىسى» تەشكىللەش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا 2016 – يىلى 30 – نويابىردا موسكۋادا ئىمزالانغان ئورتاق ئارمىيە گۇرۇپپىسى تەشكىللەشكە دائىر كېلىشىم ماقۇللاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر كېلىشىمىنىڭ رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتى فېدېراتسىيە كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللانغانىدى.

تەرەپلەرنىڭ كاۋكازىيە رايونىدىكى ھەربىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان كېلىشىمدە، ئورتاق ئارمىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىنىڭ رۇسىيە ياكى ئەرمېنىيەگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى «بىر مەركەز، بىر پىكىر ۋە بىر پىلان» بىلەن چېكىندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر