ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى: شىمالىي ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، پايتەخت باغدادتا ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى: شىمالىي ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان مۇستەقىللىقكە ئالاقىدار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر ئىبادى، «كورد ۋە پۈتكۈل ئىراق خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىمىز. بىراق، ئاساسىي قانۇندا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ۋە بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقى يوق. بۇ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس ۋە بۇنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

پايتەخت باغدادتا ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىبادى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى سېپىدە ئېغىر كىرىزىس بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلارنى بۇ يولدا ئىلگىرىلەش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرىمەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان خەۋپ ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بارلىق تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز. مەن، رايون خەلقىنىڭمۇ بۇ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۈچۈن ئالدىرىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركمەنلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان تەلافەرنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئۆتۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر