پاكىستانمۇ پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

777750
پاكىستانمۇ پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە ئىززەت-ئابرويىىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.   

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەسىنلىكلەرگە سېلىنىۋاتقان زۇلۇملار ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا تاقىۋېتىلىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ زۇلۇم بولىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ زۇلۇم سىياسىتىگە خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:«پاكىستان ھەق-ھوقۇقلىرى بىلەن ئىززەت-ئابرويىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان پەلەستىن خەلقى بىلەن بىرلىك ئىچىدە بولۇپ، پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل، پاسىللىرى ئېنىق بېكىتىلگەن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئادداقىچە قوللايدۇ.»

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى 14-ئىيۇل جۈمە كۈنى مەسجىدى ئەقسادا  3 پەلەستىنلىكنى قوراللىق ھۇجۇم قوزغاش بىلەن ئەيىبلەپ قەتل قىلغان بولسا، ۋەقەدە يارىلانغان 2 نەپەر ئىسرائىلىيە ساقچىسى دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كېيىن مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋەتكەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىككى ئىشىكىنى يەكشەنبە كۈنىلا ئېچىۋەتتى، بىراق ئىشىك ئالدىغا مېتال تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇردى.

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنتىنىڭ تۈنۈگۈن چىقارغان قارارىغا بىنائەن،  مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىشىكلىرى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مېتال تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن كامېرىلار سۆكۈپ ئېلىنغان.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسجىدى ئەقسانى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەقسا ۋەقپىسىگە مەسلىھەت سالمايلا تاشلىغان بۇ قەدەملىرى قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ ئاشقۇن قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن پەلەستىنلىكلەر، مەسجىدى ئەقسانىڭ ۋاقىت ۋە ماكان جەھەتتىن بۆلۈنۈپ يەھۇدىيلارغىلا بېرىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ قولىدىن ئېلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر