CIA ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى باش مۇدىرى مايكېل پومپې ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

777828
CIA ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى (CIA) ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى باش مۇدىرى مايكېل پومپې ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئاپسېن ئىنىستېتۇتى ئىسىملىك چۈشەنچە  ئورگىنى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن پومپې، ۋېنېزۇئېلادىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن رايوندىكى ئىككى دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنىمۇ ئېيتتى.

پومپې ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مېكسىكا بىلەن كولۇمبىيەنىڭمۇ ۋاشىنگىتوننىڭ پىلانلىرىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پومپې ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رايوندا ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى پۇرىتىپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا نۇرغۇن ھىكايە بار، ئەلۋەتتە.»

ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تارىخىدا ئورۇن ئالغان ھىكايىلىرى  ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش، دىكتاتورلۇق ۋە قەتلىئاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پومپېنىڭ ئېتىراپلىرى ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا سەۋەب بولدى، مادۇرو دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى باش مۇدىرى ئامېرىكا ھاكىمىيىتى بىلەن ئامېرىكا ئىسخبارات تەشكىلاتىنىڭ مېكسىكا ۋە كولۇمبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى، ۋېنېزۇئېلادىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ۋە كۈچلۈك دۆلىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.»

مېكسىكا بىلەن كولۇمبىيە ھۆكۈمەتلىرىنى نېفىت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن خۇپىيانە كېلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن مادۇرو يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئىكەنلىكلىرى كۆڭلۈمگە ئايان، چۈنكى مېكسىكىنىڭ بەش يىلغا يېتىدىغان نېفىت زاپىسى بار ئىدى، ھازىر نېفىتى تۈگىدى، كولۇمبىيەنىڭ 6 يىلغا يېتىدىغان نېفىتى قالدى.»

مادۇرو ۋېنېزۇئېلاغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇش بىلەن تەھدىت سالغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى باش مۇدىرى پومپېنىڭ سۆزىگە ئىزاھات بېرىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر