ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكلاتى ي پ گ نىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتتى

ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ غا قىلغان ياردىمىنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

777212
ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكلاتى ي پ گ نىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ نامى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىلدى.

سۈرىيە مەملىكەتلىك دېموكراتلار گۇرۇھى باياناتچىسى ئادۋوكات مۇمتاز ئەل-ھەسەن تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن نامىنى ئۆزگەرتكەن ي پ گ نىڭ بۇ قىلمىشىدىن تولىمۇ بىئارام بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە سۈرىيەلىكلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە بولسىمۇ ئەركىنلىك مۇھىتى ياراتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ھەسەن، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىگە ئوخشاش ھەرىكەتنىڭ ئافرىندىمۇ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھەسەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ ئافرىن رايونى ئۈچۈن ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە پ ي د ۋە پ ك ك ئافرىنى ئۆزلىرىگە نىسبتەن ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇھىم جاي دەپ قارايدۇ، پ ي د ۋە پ ك ك، شۇنداقلا ئەسەد ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان رايونلاردا ياشاۋاتقان خەلق بۇ كۈچلەردىن تولىمۇ بىئارام، چۈنكى بۇ كۈچلەر خەلقنى داۋاملىق بىئارام قىلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا.»

سۈرىيەدە پ ي د-ي پ گ نىڭ نامىنىڭ ئەمەلىيەتتە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ھەسەن مۇنداق دېدى: «ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پۈتكۈل سۈرىيەلىكلەرگە گويا قۇچاق ئېچىپ، مەزھەپ ۋە ئېتنىك ئوخشىماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بىر پۈتۈن توپلۇقتەك دۇنيا جامەئەتچىلىكىگە بىلدۈرمەكچى بولۇشىۋاتىدۇ، بۇنى ئامېرىكىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلدى.»

ھەسەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا سۈرىيەدە پ ك ك غا قىلغان ياردەملىرىنى قانۇنلۇق ۋە يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى، سۈرىيە خەلقىنى ئەخمەق ۋە دۆت كۆرۈپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ،پ ي د سۈرىيە خەلقىگە قەتئىي ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر