خەلقئارا پۇل تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى 10 يىل ئىچىدە بېيجىڭغا يۆتكىلىشى مۇمكىن

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى كىرىستىنا لاگاردې تەشكىلاتنىڭ مەركىزىنىڭ 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا يۆتكىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

777214
خەلقئارا پۇل تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى 10 يىل ئىچىدە بېيجىڭغا يۆتكىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى كىرىستىنا لاگاردې تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي سىجىل تەرەققىي قىلغان تەقدىردە تەشكىلاتنىڭ مەركىزىنىڭ 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا يۆتكىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلغان لاگاردې ، خىتاي ۋە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي سىجىل تەرەققىي قىلغان ۋە بۇ ئەھۋال خەلقئارا پۇل تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن تەقدىردە، تەشكىلاتنىڭ مەركىزىنىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ چوڭ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلاردىكى ئورنىنى ئاشۇرۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان لاگاردې مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: 10يىلدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ يىغىنىنى ۋاشىنگىتوندا ئەمەس بېيجىڭدىكى باش مەركىزىمىزدە ئېچىشىمىز مۇمكىن.»

1945-يىلدا قۇرۇلغان خەلقئارا پۇل تەشكىلاتىنىڭ باش مەركىزى ئامېرىكىدا بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدا %16.5 ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بىلەن تەشكىلاتنىڭ قارارلىرىنى ۋېتو قىلالايدۇ.

ئىقتىسادچىلار خىتاينىڭ يىللىق ئىقتىسادىنى %6نى زورايتىپ ماڭغان تەقدىردە ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە ئامېرىكىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

ئاۋاز ھوقۇقى قۇرۇلمىسىنى 2010-يىلى ئۆزگەرتكەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، بۇ قۇرۇلمىنى كېلەر يىلى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر