يەمەندە 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە موھتاج

يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش ۋە يۇقۇملۇق خولېرا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر سانىدا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

776056
يەمەندە 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى كوردىناتسىيە ئىشخانىسى يەمەن ھەققىدە ئايلىق دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، دۆلەت ئىچىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە موھتاج كىشى سانىدا تەخمىنەن يېرىم مىليون ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، يەمەندە 20.7 مىليون ئادەمنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىكى ئېشىشنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى بىلەن تارقىلىۋاتقان يۇقۇملۇق خولېرا كېسەللىكىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، 124 ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قوللاش يېتەرسىز بولسىمۇ 2017-يىللىق نىشانلىرىنىڭ %36 نى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەمەننىڭ 21 ۋىلايىتىدە 2017-يىلى 27-ئاپرېلدىن باشلاپ كۆرۈلگەن يۇقۇملۇق خولېرا كېسەللىكى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1847 گە يەتكەن.

ئالدىنقى ھەپتىلەرگە سېلىشتۇرغاندا كېسەللىك سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىدا ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، خولېراغا مۇناسىۋەتلىك بايقالغان ۋەقە سانىنىڭ 377 مىڭ 894 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەمەندە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان تەخمىنەن 3 مىليون ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولماسلىقى، ئەخلەتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى قاتارلىقلار، كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى خولېرا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئاشۇرماقتا.

يەمەندە قانۇنىي ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھۇسىيلار، 2014-يىل سېنتەبىردىن باشلاپ پايتەخت سانائانى ئۆز ئىچگە ئالغان بەزى رايونلارنى كونترول قىلماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىل مارت ئېيىدىن باشلاپ ھۇسىيلارغا قارشى ئۇرۇشتا قانۇنىي ھۆكۈمەتنى قوللىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر