ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتىغا تەۋە كۆزىتىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززۇددىن ئەلقەسسام بېرىگاداسىنىڭ كۆزىتىش ئورنىغا 2 دانە راكېتامىيوت ئاتتى.

776150
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتىغا تەۋە كۆزىتىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگەنلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ كىسسىفۇم ھەربىي بازىسىدىكى زەمبىرەكچىلەر قىسىملىرى خان يۇنۇستىكى ئەلقەسسام بېرىگاداسىنىڭ بىر كۆزىتىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئىسرائىلىيەدىكى ئىنتېرنېت گېزىتلىرىدە، راكېتامىيوت ھۇجۇمىنىڭ غەززەدىن چېگرا بويىدىكى ئەشكول رايونىغا راكېتامىيوت ئېتىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ھەربىي كېمىلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدىكى بېلىقچى كېمىلىرىگە ئوق چىقاردى؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر