ئىسىرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەتراپىغا كامېرا ئورناتقان

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەلئاسبات دەرۋازىسىنىڭ قارشىسىدىكى ئېگز جايلارغا بىخەتەرلىك كامېراسى ئورناتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

776262
ئىسىرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەتراپىغا كامېرا ئورناتقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەلئەسبات دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىغا بىخەتەرلىك كامېراسى ئورناتتى. بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەلئەسبات دەرۋازىسىنىڭ قارشىسىدىكى ئېگىز جايلارغا بىخەتەرلىك كامېراسى ئورناتقان.

ئىسىرائىلىيە «2-قانال» تېلېۋىزىيەسى مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىغا قويغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى، بۇ ئۈسكۈنىلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئېلىۋېتىش قارارى چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنىغا ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، قۇددۇس ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى يورام خالېۋى بىلەن قۇددۇس شەھەر باشلىقى نىر بەرەكاتنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى قوللىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىغا ئېلېكتىرونلۇق مېتال تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنىتىلىشىغا رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مەھمۇت ئابباس ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان راماللاھتا ئۆتكۈزۈلگەن «2-نۆۋەتلىك پەلەستىن ئالىملىرى مىللىي مۇنبىرى» دە سۆز قىلىپ: «مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىدا ئېلېكترونلۇق مېتال تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرىنىڭ ئورنىتىلىشىغا رۇخسەت قىلالمايمىز، مەسجىدى ئەقساغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بىزگە ئائىت، مەسجىدى ئەقسانى بىز كۆزىتىشىمىز، دەرۋازىلىرىدا بىخەتەرلىكنى بىز قوغدىشىمىز قوغدىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر