ئامېرىكا كونگرەسىدىكى ئىككى پارتىيە ئۈچ دۆلەتكە ئېمبارگو يۈرگۈشكە كېلىشتى
جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار ئامېرىكا كونگرەسىدە، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا كېلىشتى.
776559
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كونگرەسىدىكى ئىككى پارتىيە ئۈچ دۆلەتكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ۋە رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق ئۈچۈن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش قانۇن تەكلىپى توغرىسىدا ئۆزئارا كېلىشتى. پىرېزىدېنت ترامپ مەزكۇر قارارلار قانۇنغا ئايلانغان تەقدىردە كونگرەنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، موسكۋاغا قارىتا يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتەلمەيدۇ ياكى يۇمشىتالمايدۇ.
ئىككى پارتىيەنىڭ قانۇن تەكلىپى ھەققىدە ئۆزئارا كېلىشىم قىلىشى، ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ رۇسىيەگە قارشى قاتتىق پوزىتيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىنماقتا.
پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قانۇن تەكلىپىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار. قانۇن تەكلىپى ئەتە (25-ئىيۇل) كونگرەدە مۇزاكىرەگە قويۇلىدۇ.