تالىبان 12 سائەت ئىچىدە ئىككى ناھىيەنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بايانات بېرىپ، تالىباننىڭ يېقىنقى 12 سائەت ئىچىدە ئىككى ناھىيەنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

775848
تالىبان 12 سائەت ئىچىدە ئىككى ناھىيەنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ئىككى ناھىيەنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى؛ ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان فەرياب ۋە غەربىدىكى گور ۋىلايەتلىرىدە يېقىنقى 12 سائەت ئىچىدە ئىككى ناھىيە تالىبان تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

فەرياب ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئابدۇلكەرىم يۇرىش ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، تالىباننىڭ يېرىم كېچىدە كوھىستان ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ناھىيە مەركىزىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 2 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇرىش، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ناھىيە مەركىزىدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن گور ۋالىيسى غۇلام ناسىر خازە بايانات بېرىپ، تالىبانىڭ تىۋەرە ناھىيەسىگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، شەھەر مەركىزىدىكى دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ناھىيەنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئافغانىستان قوراللىق كۈچلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ۋالىي خازە، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تالىباننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، تىۋەرەدىكى ھۇجۇمدا 42؛ كوھىستاندىكى ھۇجۇمدا 46 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر