پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغاندەك قىلىدۇ

ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇستىكى ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئاممىسى بىلەن ھەربىي قاناتنىڭ ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

775518
پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغاندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەلق ئازادلىق فېرونتى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇستىكى ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشى ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلدى.

پەلەستىن خەلق ئازادلىق فېرونتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشنى خەلق ئاممىسى ۋە ئىجتىمائىي توپلارنى بويلىغان ھالدا قانات يايدۇرىدىغان مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى. 

باياناتتا كۈرەش قىلىۋاتقان ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ھەربىي قاناتلار بىلەن ماس ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى، ئىسرائىلىيەگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ جانلاندۇرۇلىشى، قۇددۇستىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە نامايىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر