قاتار تېررورىزىمغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە ئېلان قىلدى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەل سانى تېررورىزىمغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە ئېلان قىلدى.

774801
قاتار تېررورىزىمغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەل سانى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئېلان قىلدى.

قاتار رەسمىي ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەيخ تەمىم «تېررورچىلارنىڭ، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ ۋە  تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزاھاتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغانلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك بەزى قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش»نى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە بۇ توغرۇلۇق تەپسلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون دوھادا 12-ئىيۇلدا زىيارەتتە بولغاندا، قاتار دائىرىلىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىنىشىغا توسالغۇ بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ئىمزالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر