شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە بومبا سىناق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

774540
شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە بومبا سىناق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلى، دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ بومبا سىناق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، بىراق سىناق قىلىنىدىغان بومبىنىڭ قىتئەلەر ئارا بومبىمۇ ياكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك بومبىمۇ، تېخى مۇئەييەنلەشمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شىمالىي كورېيە، 4 – ئىيۇلدا سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ 933 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارغانلىقىنى، 2802 كىلومېتىر ئېگىزلىككە ئۆرلىگەنلىكىنى، بومبىنىڭ ئۇچۇش مۇددىتىنىڭ 39 مىنۇت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر