ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ گېرمانىيەدە 7-، 8 – ئىيۇلدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىكى رەسمىي ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

773633
ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە 7-، 8 – ئىيۇلدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىكى رەسمىي ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ھالدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بىر ئاقساراي ئەمەلدارى، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ 7 – ئىيۇلدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن، غەيرىي رەسمىي يوسۇندا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىككى پىرېزىدېنت ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئايرىم رەسمىي ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ كەچلىك زىياپىتى جەريانىدا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەن.

غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشنىڭ مۇددىتى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن مەزكۇر ئەمەلدار، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ گېرمانىيەدە ئىككى قېتىم كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈرگەن بولدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىياسىي ئانالىز شىركىتى «ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئىئان برېممېر، ئىككى رەھبەرنىڭ كەچلىك زىياپەت ئەسناسىدا بىر سائەتكە يېقىن سۆزلەشكەنلىكىنى، سۆھبەتكە ترامپ بىلەن پۇتىندىن باشقا پەقەت پۇتىننىڭ تەرجىمانىنىڭلا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەرجىمانىنىڭ سۆھبەتكە قاتناشماسلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ بىر خەۋپسىزلىك بوشلۇقى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەقتىكى دەۋالارغا جاۋاب بېرىشكە ئۈلگۈردى؛ ئۇ تۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «پۇتىن بىلەن مەخپىي ھالدا تاماق يېيىلگەنلىكى توغرىسىدىكى يالغان خەۋەرلەر كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ. گېرمانىيە باش مىنىستىرى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى تەكلىپ قىلغانىدى. مەتبۇئات بۇنى بىلەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئارقىدىن يەنە بىر پارچە تۋىتتېر ئۇچۇرى يوللاپ، «يالغان خەۋەرلەر بارغانچە ئالدامچى ھالغا كېلىشكە باشلىدى. گېرمانىيەدە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىغا بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتمۇ يامان نىيەتتە كۆرسىتىلمەكتە» دېگەنلەرنى يازدى.

ئاقسارايمۇ بىر بايانات ئارقىلىق بۇ دەتالاشقا قېتىلدى؛ باياناتتا، يىغىن جەريانىدا، رەھبەرلەرنىڭ ئىلگىرى پىلانلانمىغان ئىككىنچى بىر ئۇچرىشىشىنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى قوبۇل قىلىندى. بىراق، بۇ ئۇچرىشىشقا «ئىككىنچى بىر يىغىن» ئەمەس، «قىسقا بىر سۆھبەت» دەپ باھا بېرىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر