نىگېرىيەدە پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا چىققان جېدەل قانلىق توقۇنۇشقا ئايلاندى

نىگېرىيەنىڭ قادۇنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاجۇر شەھىرىدىكى بانونو يېزىسىدا پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى چىققان جېدەل قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.

773884
نىگېرىيەدە پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا چىققان جېدەل قانلىق توقۇنۇشقا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە پادىچىلار بىلەن دېھقانلار توقۇنۇشۇپ 37 ئادەم ئۆلدى.

نىگېرىيەنىڭ قادۇنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاجۇر شەھىرىدىكى بانونو يېزىسىدا بىر پادىچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

پادىلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ كەلگەن فۇلانىلار، يەرلىك دېھقانلارنىڭ پادىلىرىنى ئوغۇرلاشقا ئۇرۇنغانلىقلىرىنى، ھەتتا ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

رايونغا ئەۋەتىلگەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ئايرىلىشى بىلەن تەڭ، توقۇنۇشلارنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئالغانلىقى، توقۇنۇشتا 37 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #نىگېرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر