خىتايدا بىر قويمىچى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

خىتايدا بىر ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تېلېفون ئارقىلىق قويۇۋەتكەن قويمىچىلارغا، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك بولۇپ ھەر خىل قاماق جازاسى بېرىلدى.

773732
خىتايدا بىر قويمىچى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا بىر ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان بىر قويمىچىلىق دېلوسىدا، يەتتە جىنايەتچىنىڭ بىرسى مۇددەتسىز، ئالتە جىنايەتچى ئۈچ يىللىقتىن 15 يىللىققىچە بولغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

قويمىچىلىق ۋە كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان چىن ۋىنگۈيگە بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازالىرىمۇ بېرىلدى.

ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسى شۈ يۈيۈ ئۆتكەن يىلى ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلارغا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئېلىپ قويغان 9 مىڭ 900 يۈەن (تەخمىنەن 5 مىڭ 100 لىرا) قويۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.

خىتايدا ئۆتكەن يىلى (2016) 19 مىڭ 300 كىشى تېلېفون قويمىچىلىقى گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر