ئۇكرائىنادا يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى ئالكېساندېر زاخارچىنكو خەلقئارا جامائەتچلىكىنى «Malorossiya» (كىچىك رۇسىيە) دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

772956
ئۇكرائىنادا يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3 يىل ئىلگىرى باشلانغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، تۈزۈم ئۆزگەرتىش باسقۇچىدىن كېيىن يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇش تەكلىپى سۇندى.

ئۇكرائىنا بۇ ئەھۋالارنى يېقىندىن تەقىپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېڭى قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىسمىنىڭ «Malorossiya» (كىچىك رۇسىيە) بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى ئالكېساندېر زاخارچىنكو ئۇكرائىنانىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتچلىكىنى «Malorossiya» (كىچىك رۇسىيە)نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

«Malorossiya» (كىچىك رۇسىيە)نىڭ فېدېراتىپ تۈزۈمگە ئىگە بولىدىغانلىقى، پايتەختىنىڭ دونېتسىك بولىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ بۇ يېڭى قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدىغان دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ بولسا، خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر